دادا،تۇغۇلغان كۈنۈڭگە مۇبارەك بولسۇن!

(نەسىر)

رىزىۋانگۈل ئوبۇل

دادا،بۈگۈن سىنىڭ 65ياشقا كىرگەن تۇغۇلغان كۈنۈڭ،دىمەك سىنىڭ ھاياتىڭ 65ياز،65كۈز،65قىش،65باھارنى كۈتىۋالدى.

دادا،ھەممە شائىرلار ئانىلارنى مەدىھلەپ شىئىرلارنى،داستانلارنى يازىدۇ،ھەممە يازغۇچىلار ئانىلارنى تەسۋىرلەپ ھېكايە،نەسىرلەرنى يازىدۇ.ئانىلارنى بىر قولىدا

بۈشۈكنى تەۋرەتسە،يەنە بىر قولىدا دۇنيانى تەۋرىتىدۇ دەپ تەرىپلىشىدۇ،دىمىسىمۇ ئانىلار ھەقىقەتەن ئۇلۇغلاشقا،مەدىھلەشكە،ماختاشقا تىگىشلىك ئىنسان،لىكىن مەن ئويلايمەنكى شۇ ئانىلار سەندەك بىر تۈۋرۈكنىڭ پۈتۈن بىر ئائىلىنىڭ يۈكىنى كۈتۈرۈپ،ئۆزلىرىگە باشپاناھ بۇلۇپ،كۈيۈنۈپ،يىراقنى يېقىن،بارنى يوق قىلىپ،جاڭ-جاڭ سوغوقلاردىمۇ،پىژغىرىم ئىسسىقلاردىمۇ ھاردىم-تالدىم دىمەي مىننەتسىز،تاماسىز ھالدا ئائىلىسى ئۈچۈن تىنىمسىز تەر تۆكەلىگەچكە،ئۇلار ئۈچۈن قانات بۇلۇپ يامغۇردا كۈنلۈك،ئاپتاپتا سايىۋەن،جەڭلەردە قالقان بولالىغاچقا ئانىلار بىر قولىدا بۈشۈكنى،يەنە بىر قولىدا دۇنيانى تەۋرىتەلىگەن.

دادا،بەزىلەر سىنى يىلتىزغا ئوخشىتىدۇ،لىكىن يىلتىزلارمۇ ھامان بىر كۈنى يەر ئاستىدا چىرىپ كىتىدۇ؛دادا،يەنە بەزىلەر سىنى يۇلتۇزغا ئوخشىتىدۇ،لىكىن يۇلتۇزلار كۈندۈزلىرى نەلەرگىدۇ كىتىپ قالىدۇ.دادا،مەن سىنى پۈتۈن كائىناتنى يۇرۇتۇپ تۇرىۋاتقان سېخى قوياشقا،كەڭ تەبىئەت باغرىدا قەد كۈتۈرۈپ تۇرغان ھەيۋەتلىك تاغلارغا،ئۇزۇن سۇزۇلۇپ ياتقان پايانسىز دېڭىز-ئوكيانلارغا ئوخشىتىمەن،چۈنكى سىنىڭ ئاتىلىق مىھرىڭ خۇددى قوياش نۇرىدەك ئىللىق،سىنىڭ تىز پۈكمەس قەددى-قامىتىڭ ئاشۇ ھەيۋەتلىك تاغلاردەك مەردانە،سىنىڭ ھارارەتلىك باغرىڭ خۇددى ئاشۇ كۆز يەتكۈسىز دېڭىز-ئوكيانلاردەك كەڭرى.

دادا،سەن بىز ئۈچۈن بىر مۇقەددەس قامۇس،سىنىڭ بىزگە قىلغان ھەر بىر ئېغىز نەسىھىتىڭ بىز ئۈچۈن بويسۇنمىساق بولمايدىغان تۇرمۇش مىزانى،شۇنىڭ ئۈچۈن سىنىڭ ئەشۇ قىممەتلىك نەسىھەتلىرىڭ بىزنىڭ قەلبىمىزگە مۆھۈر بولۇپ بېسىلغان،سىنىڭ ئاغزىڭدىن چىققان ئاشۇ دۇردانىلەر بىز ئۈچۈن ھاياتلىك ھىكمىتى. دادا،بەزىدە سىنىڭ شۇنداقلا بىر يەكۈنلىگەن تۇرمۇش تەجىربىللىرىڭ ئۈزۈم ئوقىغان بەزى كىتابلاردىكى خاتىمە قىسمىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان قىممەتلىك پىكىرلەردەك تۇيىلىدۇ.ھەتتا سىنىڭ بەزىدە بىزگە سۆزلەپ بىرىدىغان تۇرمۇش تەجىربىللىرىڭدىن بەزى يازغۇچىلارنى سەندىن تەلىم ئېلىپ ئەسەر يازدىمىكىن دەپ ئويلاپ قالىمەن.

دادا،سىنىڭ ھەر بىر ھەركىتىڭ بىز ئۈچۈن بىزگە توغرا يول كۆرسىتىدىغان نۇرلۇق ماياك.دادا،سىنىڭ بوۋام-مۇماملارغا يەتكۈزگەن ۋاپادارلىقىڭدىن بىز پەرزەنىتلەرنىڭ ئاتا-ئانىلار ئالدىدىكى ئۆتەشكە تىگىشلىك مەجبۇرىيتىمىزنى تۇنۇپ يەتتۇق ۋە ئاتا-ئانىلارنى قانداق قەدىرلەشنى ئۈگەندۇق،دادا،سىنىڭ بىزگە ئاتا قىلغان ئاتىلىق مىھرىڭدىن،ئادا قىلغان ئاتىلىق بۇرچۇڭدىن ئۈزىمىزنىڭ پەرزەنىتلىرىمىز ئالدىدىكى مەسئۇلىيتىمىزنى تۇنۇپ يەتتۇق ۋە قانداق بالا تەربىيلەشنى ئۈگەندۇق؛دادا،سىنىڭ ئاكا-ئىنىللىرىڭگە،ئاچا-سىڭىللىرىڭغا تۇتقان ئىللىق مۇئامىلەڭدىن،ئۇلار قىيىنچىلىققا يۇلۇققاندا كۆكرەك كىرىپ مەيدانغا چىقىپ ئۇلارنىڭ قىيىنچىلىقىنى خۇددى ئۆز قىيىنچىلىقىڭدەك پۈتۈن كۈچۈڭ بىلەن يېڭىپ ئۇلارغا خاتىرجەملىك ئېلىپ كەلگىنىڭدىن بىز قېرىنداشلار ئوتتۇرسىدىكى مىھىر-مۇھەببەتنىڭ نەقەدەر چۇڭقۇرلىقىنى بىلىۋالدۇق ھەم قېرىنداشلارنىڭ ھالىغا ھالداش،دەردىگە مۇڭداش بۇلۇشنى ئۈگىنىۋالدۇق.دادا،سىنىڭ قوشنا-قۇلۇم،ئەل-جامائەتكە تۇتقان ئەستايىدىل مۇئامىلەڭدىن،ئۇلارغا يەتكۈزگەن ئادەمگەرچىلىكلىرىڭدىن،ئاجىزلارغا يارىدەم قىلىپ،يىتىم-يىسىرلارنىڭ بېشىنى سىلاپ ،ئۇلارغا مىھىر-مۇھەببەتلىك قوللىرىڭنى سۇنغىنىڭدىن بىز ئادىمىيلىكنى،سەمىيمىيلىكنى ئۈگىنىۋالدۇق.دادا،سىنىڭ ئەخلاقى پەزىلىتىڭنى ھەممە ئادەم سۈيۈنۈپ تۇرۇپ ماختايدۇ،سىنى ئاجايىپ ئىسىل ئادەم دەپ تەرىپلىشىدۇ،دادا،بىز سىنىڭدەك بىر دادىنىڭ پەرزەنتى بولالىغانلىقىمىزدىن ئۈزىمىزنى تۇلىمۇ تەلەيلىك ھىس قىلىمىز.دادا،سەن بولغاچقا كەڭرى كەتكەن يايلاقلاردا خۇشال يايراۋاتقان تايچاق بىز،دادا،سەن بولغاچقا پايانسىز ئاسماندا ئەركىن ئۇچىۋاتقان قۇشلار بىز.

سۈيۈملۈك دادا،سەن بىزنىڭ پەخرىمىز،سەن بىزنىڭ ئۇستازىمىز،سەن بىزنىڭ ھاياتىمىزغا فورمۇلا تۈزگۈچى،دادا،پەرزەنىتلىرىڭ ساڭا ئۇزۇن ئۆمۈر ۋە سالامەتلىك تىلەيمىز،ئەزىز تىنىڭ سالامەت بولغاي،چىرايىڭدىن مەڭگۈ كۈلكە ئىزناسى ئۆچمىگەي!

دادا،تۇغۇلغان كۈنۈڭگە مۇبارەك بولسۇن!










دادا تۇغۇل كۈنۈڭگە مۇبارەك

Subscribe | Register | Login | N